ياۋرو كېيىنكى ھەپتە چۈشۈش مۇمكىنچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

gulbostan 2017-04-21 12:30:02

\

فرانسىيە چوڭ سايلىمى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشنى كۈتىۋالدى، كېچىدىن يەنە ئېتىۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ياۋرو كېيىنكى ھەپتە چۈشۈش مۇمكىنچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: فرانسىيە چوڭ سايلى

مۇشۇ ھەپتە يەكشەنبە كۈنى، فرانسىيە چوڭ سايلىمى تۇنجى ئايلانما بېلەت تاشلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ. HARRIS ئەلرايى تەكشۈرىشىدىن قارىغاندا، تۇنجى ئايلانما بېلەت تاشلاشتا، مۇستەقىل نامزات ماكروننىڭ قوللاش نىسبىتى %24.5، ئوڭ قانات نامزات لىپېننىڭ %21، ئوتتۇرا ئوڭ قانات نامزات فىللىئوننىڭ %20، سول قانات نامزات مېللېنچوننىڭ قوللاش نىسبىتى %19 بولىدىكەن.

فرانسىيە چوڭ سايلىمىدىكى تۆت چوڭ مۇھىم نامزاتنىڭ قوللاش نىسبىتى پەرقى ئەڭ چوڭىمۇ %5 ئەتىراپىدا، كىمنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا كىرەلىشىدە يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت.

بۇنىڭدىن سىرت، كېچىدىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئېتىۋېتىش ۋەقەسىگە رادىكال تەشكىلات مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ بازارنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئاشۇردى.


\

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۈزلىنىش: چۈشۈش پۇرسىتىنى كۈتۈش

ياۋرو\دوللار تۈنۈگۈن قاڭقىغاندىن كېيىن چۈشتى، كۈندىلىك سۈرەتتىكى ئۇزۇن كۆلەڭگە چۈشۈش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بىراق، ھەپتە ئاخىرىدىكى فرانسىيە چوڭ سايلىمىنى ئويلاشقاندا، نۆۋەتتە بازارغا كىرىش پەيىتى ئەمەس. ناۋادا ھەپتە ئاخىرىدىكى چوڭ سايلامدىن كېيىن، ياۋرو\ دوللار دۈشەنبە كۈنى چۈشۈپ كەتسە، يامان ئەمەس بولغان بازارغا كىرىش پۇرسىتى بولىشى مۇمكىن. ئەكىسچە ناۋادا نەتىجە لىپىن ۋە مېللېنچوننىڭ ئىككىنچى ئايلانمىغا كىرىشى بولسا ياۋرونىڭ يۈزلىنىشى چوقۇم بىر قېتىملىق چوڭ چۈشۈش يۈزلىنىشىنى كۈتىۋالىدۇ. ياۋرو\دوللارنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىق نۇقتىسى 1.0783، كەلگۈسى دەسلەپكى قەدەمدىكى چۈشۈش نىشانى 1.0608 سىزىغىقا يۈزلەنگەن بولىشى مۇمكىن.


\


بۇنىڭدىن سىرت، فونىدسىتىرلىڭ\ ياۋرو تۈنۈگۈن كىچىك نىسبەتتە ئۆستى، قىسقا سىزىقتا ئۆسۈش يۈزلىنىشى داۋاملاشتى، نۆۋەتتە يەنىلا 1.3086 لىك سىزىقىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئاستىدىكى تېرەش نۇقتىسى يەنىلا 1.2507 سىزىقىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.