دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتىدىكى سەۋيىسىنى ساقلىدى

rabigul 2017-02-01 16:35:08

\

2-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭ مالىيە خەزىنىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېنجىياچىياڭ توخۇ يىلدىكى تۇنجى سودا كۈندىكى بازار ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى؛ئاساسلىقى تىرامىپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئۆرلىگەن بولۇپ، تېخى يېقىندا يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئۇنىڭ سىياسىتى ئوخشاش بولمىغان تەسىر ۋە ئەندىشىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتىدىكى سەۋىيىسىنى ساقلىدى؛ شياڭگاڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتىگە ئەگىشىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، شۇڭا مەبلەغ يۆنىلىشىگە ياكى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەمما يەرلىك سىياسەت خەۋپ-خەتىرى، ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ سىياسىتى قاتارلىق ئېنىق بولمىغان سىرتقى ئامىللارغا يۈزلەنسەك، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭ يېتەرلىك تەجرىبە توپلايدۇ ۋە مېخانىزمنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، تىرامىپنىڭ دىمۇكىراتىك پىكىر- بايانىنى قوغداپ قىلىشى بازارنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىشى مۇمكىن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ يىل ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى يىغىندىسى خام چوتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، يەر كىرىمى كۆپەيدى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى پەسىللىك ئۆرلەش سالمىقى زور، يەر باھاسى جەھەتتە تېخى سىناپ باقمىغان يېڭى رېكورت يارىتىلدى، لېكىن بۇ يىل شياڭگاڭ نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كەلدى، ئۇلار ئاساسلىقى تىرامىپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى، ئۆسۈم نىسبىتىنى نورماللاشتۇرۇش، ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ مەيدان سايلام قاتارلىقلار.


ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ, ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.