فونىستېرلىڭنىڭ دوللارغا بولغان ئوبوروتى ئۇدا تۆت كۈن ئۆرلەپ 1.25 لىك نۇقتىنى بۆسۈپ تاشلىدى

hasiyat 2016-11-28 18:08:59
\
فونىستېرلىڭنىڭ دوللارغا بولغان ئوبوروتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئۇدا تۆت كۈن ئۆرلىگەن، نۆۋەتتە سودا كۈنىدە يۇقىرى ئورنى 1.2530 ئەتراپىدا بولغان.
نۆۋەتتە بۇ پۇل ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ھەمدە ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
دوللار كۈچىيىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، فونىستېرلىڭ ئۆزىنىڭ بېسىمغا قارشىلىق كۈچى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، دوللار ئۆسكەن، فونېستىرلىڭمۇ ئەنگىلىيە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش ۋەدىسى بىلەن ئېتىبارغا ئېرىشكەن.
ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىق دوكىلاتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەپتىنىڭ 4-كۈنى ياساش ئىگىلىكى سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچى (PMI) نى ئېلان قىلىدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.