بۇ ھەپتدىكى دوللار باھاسىنىڭ يۆلىنىشى

hasiyat 2016-11-14 16:31:59

\

مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى ( شياڭگاڭ ) خەۋىرى :باشقا ئەللەر تاراتقۇلىرىنڭ دېيشىچە،تېرامپ سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ"قاباھەتلىك كۆرۈنۈشى " پەيدا بولمىدى،ئەكىسچە ئالدىنقى ھەپتە دوللار باھاسى بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دائىرىدە ئۆرلەش بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ تاشقى ئەللەرنىڭ ترامپنى سايلاپ چىققاندىن كېينىكى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىغا تۈرتكە بولغان بۇلۇپ، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قۇشۇشىغا نىسبەتەن مۇھىم ھالقا بۇلۇپ قالغان.بۇ ھەپتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ ۋەقەلەر بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ،ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلاردىن ،ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلدىغان پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى،CPI سانلىق كۆرسەتكۈچى ؛ئۇنڭدىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسيە ئەمەلدارى بۇ ھەپتە سۆز قىلىدۇ بۇلۇپمۇ، ئامېرىكا فېدېراتسيە رەئىسى يېللۈن مۇھىم سۆز قىلدىغان بۇلۇپ، ئۆسۈم قۇشۇش پىكىرى بازارىنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسىنى تارتقان.

تېرامپ ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمدا تاسادىبى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ،كۆپ ساندىكى ئورگانلار ئۇنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى دوللار باھاسىغا پايدىسىز دەپ قارىغان،لېكىن ئامېرىكا دوللىرى سايلام كۈنىدە قىسقا مەزگىللىك تۆۋەنلىگەندىن كېيىنلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ قايتا يۇقىرى ئۆرلىدى.

پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 23:00 دە،ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېللۈن بىرلەشمە ئىقتىسادىي ئۇيۇشمىسىدا ئىقتىساد ئەھۋالى توغىرىسدا سۆز قىلىدىغان بۇلۇپ،بۇ مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلەيدىغان مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرسى.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەپتە ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلار بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە سەيشەنبە كۈن ئېلان قىلىندىغان پارچە سېتىش سانلىق ئۇچۇرى بىلەن،پەيشەنبە كۈنىدىكى ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى بازارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.