ئامېرىكا CPI قىممىتى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ

rabigul 2016-10-18 17:25:01

\

10-ئاينىڭ 18-كۈنى دوللار ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى؛ بۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرى بۇ ھەپتە ئىچىدىكى مۇھىم بولغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا CPI قىممىتىنى كۈتۈۋالىدۇ . ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھازىر ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارغا، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ دوكلات نەتىجىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرگە نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك تەسىر بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرېۋوت بازىرىغىمۇ نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر نەچچە ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى ئاشكارا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بېشارەت بېرىشىچە، ئۇلار تېخى%0.25-%0.50 بولغان ئۆسۈم نىسبىتى نىشانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جىددىي بېسىم كۈچىگە دۇچ كەلمىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېلەر قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-2-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلايدىغان كۈن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، سىياسەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولالمايدۇ، ئەمما، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى يەنىلا ئارام ئېلىشى زۆرۈر. كېلەر قېتىمقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنى 12 -ئاينىڭ 13-14- كۈنى ئېچىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.