پۇل پاخاللىقى يۇقىرى ئۆرلىسە فېدېراتسىيە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ

rabigul 2016-09-29 16:31:22

\

9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكا چىكاگو فېدېراتسىيە رەئىسى ئېۋانس (Charles Evans) سان لۇئىس مەھەللە بانكا كەسپى يىغىنىدا مۇنداق دېدى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى خېلى ياخشى، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى ئۆرلەشكە ئېھتىياجلىق. ئەگەر پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ نىشانىغا يېقىنلاشسا، ئۇنداقتا ئۆسۈم قوشۇش پەيتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشى مۇمكىن.

ئېۋانس بۇ يىل فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) نىڭ بېلەت تاشلاش ئەزاسى ئەمەس، لېكىن ئۇ 2017-يىلى FOMC نىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇ.

ئېۋانس يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، " بىز ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، چۈنكى پۇل پاخاللىقى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. لېكىن بەك كۆپ يۇقىرى ئۆرلەپ كەتسە، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ."

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، " تەبىئىي ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەردىن تۆۋەنلەپ كەتسە، پۇل پاخاللىقى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ." ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر پۇل پاخاللىقى نىشاندىن ھالقىپ كەتسە، ھەتتا فېدېراتسىيە نىشانىدىنمۇ ھالقىپ كەتسە، بۇ خەۋپ-خەتەر ئىنتايىن كۆپ ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.