ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھاجەتسىز

rabigul 2016-09-23 16:15:14

\

9-ئاينىڭ 22-كۈنى فوندستېرلىڭنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 5 ھەپتىلىك تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتى ئەزاسى فوربېس، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ھاجەتسىز، ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ئىقتىسادى جانلاندى دەپ قارىغان.

فوربېس بولسا MPC نىڭ تاشقى ئەزاسى، ئالدىنقى ئايدا ئۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلۇپ ئاۋاز بېرىپ % 0.25 رېكورت ياراتتى، لېكىن زايوم سېتىۋېلىشنى قايتا قوزغىتىشقا قارشى تۇردى.

ئەمما بۇ ھەپتە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتى ئەزاسى ساندېرس، ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا چوقۇم مۇۋاپىق قەدەمدە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى كۆپ ساندىكى ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەردەك ئېغىر ئەمەس.

ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى بۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئاستىلاش سۈرئىتى 8 - ئايدىكىگە قارىغاندا ئاستا دەپ قارىدى، فوربېس يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، كۆپ ساندىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەر يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىقبالى بۇ يىل كېيىنرەك يەنە بىر قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.