سوروس: ئەنگلىيەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ

gulbostan 2016-06-27 16:55:53

\

خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە پېشۋاسى سوروس ئالدىنقى شەنبە(6-ئاينىڭ25-كۈنى)ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل پارچىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى. ئۇ يەنە :«ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى بەلكىم ئەنگىليەگە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن»دېدى. سوروس ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئەنگىليە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنسە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېگەن. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى، ئەنگلىيە مالىيە تەتقىقات ئورنى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ( IMF ) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئەنگلىيە ئىقتىسادى ياۋرودىن چېكىنگەن بەش يىل ئىچىدە يېڭى بىر مۇقىم ھالەتكە كىرسە، ئەنگىلىيەلىك ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى3000دىن 5000فونىستىرلىڭغىچە زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.