ياپونىيە يىنى نېمە ئۈچۈن ئۆستى؟

sayibjamal 2016-06-01 16:36:13

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ANZ بانكىسى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى پىرۋوت ئانالىزچىسى Khoon Goh چارشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە يىنى ئاسىيا بازىرىدا ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى ئىستىمال بېجىنى تەڭشەشنىڭ كېچىكىشىدىن كەلگەن تىز قاڭقىش ئىنكاسى بولۇپ، 50 كۈنلۈك ئوتتۇرچە يۆتكىلىش سىزىقى 109.70 يىن ئەتراپىدا بۆسۈش نۇقتىسغا ئۇچرىغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى چارشەنبە كۈنى توكيودا پالاتا ئەزالىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىستىمال بېجىنى تەڭشەش ۋاقتىنى 2019-يىلىغا كېچىكتۈرگەن. بۇ بەلكىم ئىستىمالچىلارنىڭ چىقىمىنى قوللاشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ زور قەرزىگە نىسبەتەن خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇ خەۋەر بۈگۈنكى ياپونىيە بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن دوللار/ ياپونىيە يىنى چۈشتى. دوللار/ ياپونىيە يىنى يۈزلىنىشى بىلەن ياپونىيە پاي بازىرى ئادەتتە ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.