ئامېرىكا فېدراتسىيىسىنىڭ 6- ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى

karima 2016-05-30 16:28:52

\


ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن (Jannet Yellen) ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بارغانسىېرى ياخشىلىنىشى " كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا" قايتا ئۆسۈم قوشۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئۇ كېيىنكى ئايدا ئۆسۈم قوشۇش- قوشماسلىق ھەركىتى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

مەبلەغ سېلىش ئورگىنى Jefferies ئىقتىسادشۇناس Thomas Simons شەنبە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ،" يېلىن كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى 2013-يىل 10-ئايدىكى سىياسىي ئۆسۈم قارار يىغىنىدا تىلغا ئالغان مىقدارلاشتۇرۇش سىياسىتى (QE) نى سېتىۋېلىشنى قىسقارتىش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا يىغىن خاتىرىسىدە QE نى قىسقارتىش" كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا" بولسا مۇۋاپىق بولدىغانلىقى ئېيتىلىپ، 2013- يىل 12- ئايدىن باشلاپ QEنى قىسقارتىشقا باشلىغان." دەپ كۆرسەتتى.

Simons نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدراتىسيسى بۇ يىل 6-ئايدا ياكى 7-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

يېلىن رەھبەرلىكىدىكى FOMC بۇ يىل 6-ئاينىڭ14-15 كۈنى ۋاشىنگىتوندا يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، شۇ چاغدا يەتتە يىل داۋاملاشقان نۆلگە يېقىن بولغان ئۆسۈم نىسبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش-قوشماسلىق ھەققىدە ئويلىشىدۇ. يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارى سۆز قىلىشى، 4- ئايدا ئۆسۈم يىغىنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى قوشۇلۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكافېدراتسىيسىنىڭ 6-ئايدا ياكى 7-ئايدا يەنە بىر قەدەم پۇل قىسقارتىش سىياسىىتنى يولغا قۇيۇش مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

يېلىن سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى %28 دىن %32 كىچە ئاشقان بولۇپ، بۇ ئېھتىماللىق ئىككى ھەپتە ئىلگىرى پەقەتلا %4 ئىدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.