ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ

rabigul 2016-02-05 15:43:33

\

تىنچ ئوكيان مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتى (Pimco) دىكى Jerome Schneider مۇنۇلارنى بىلدۈردى، زايوم سودىگەرلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

Schneider ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىقنى ساقلىشىغا ئەگىشىپ، مائاش ئۆسۈش نىسبىتى كېڭىيىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2016-يىلى 1 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بىلەن توختاپ قالمايدۇ. قەرەللىك مال بازىرى چارشەنبە كۈنى ئۈمىدسىز كۆز-قاراشلىرىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ بەردى: كۆرسىتىلىشىچە، مۇلازىمەت كەسپى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سودىگەرلەرنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2016-يىلى پۈتۈن يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرمەسلىكىگە بولغان دىققەت نۇقتىسى كۈچەيدى.

Schneider نيويوركتا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاساسىي جەھەتتىن يەنىلا مۇكەممەللەشتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۇدا ئۆسۈم ئۆستۈرسە بولمايدۇ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قېتىم سانى 4 قېتىمدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.