ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

rabigul 2016-02-04 15:57:08

\

فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى زاكاز مال بازىرى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، زايوم سودىگەرلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %30 كىمۇ يەتمەيدىكەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى %93 ئېھتىماللىقى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. تۈنۈگۈن، ئامېرىكا 1-ئايلىق ISM ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىگە يېتەلمەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئورۇندىكى شەخس مۇنداق دېدى، ئەگەر پۇل-مۇئامىلە مۇھىتى ئۈزلۈكسىز تارايسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئىچىدە ئالدىراپ ئۆسۈم قوشمايدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

بازار بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئەھۋالىغا بولغان مۆلچەرىدە پەرق بەك چوڭ بار. 12-ئايدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرى ئېلان قىلغان ئۆسۈم نىسبىتىدە چېچىلىش نۇقتىسى گرافىكىدىن قارىغاندا، FOMC ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 4 قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان 1-ئايلىق FOMC باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلدارلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.

لېكىن يېقىندىن بۇيان، دۇنيا بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىپادە بىلدۈرمەي تۇرۇۋالدى. تۈنۈگۈن نيۇ - يورك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Dudley مۇنداق دېدى، 12-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە مۇھىتى تارايدى، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا، دوللارنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.