ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ئالتۇننىڭ تەڭشىلىش بېسىمىنى يەنىمۇ زورايتقان

ilkan_5 2026-09-02 18:02:01

\

ئالتۇن دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، دوللارنىڭ قىممىتى ئادەتتە دوللاردىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ساقلاش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ساقلايدىغانلىقىغا بولغان كۆزلىمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېۋىن ۋوشنىڭ جېكسونخول يىغىنىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پوزىتسىيەسى داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، بازارنىڭ 9-ئايدىكى سىياسەتنى يەنىمۇ چىڭىتىشقا بولغان كۆزلىمىسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن .

بازار ئۆسۈم نىسبىتى باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتىكى بازار مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسى ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. ئەگەر كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى داۋاملىق ئېلاستىكلىقنى ساقلىسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۈرتكە بولۇشدىكى پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى ئۆرلىسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسۈم قوشۇشقا يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى يېڭى تىرەككە ئېرىشىدۇ، ئالتۇن بولسا داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت زايومى بازىرىمۇ ئالتۇننىڭ مۇھىم بېسىش ئامىلىغا ئايلانغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.