دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ سەۋەبى ئېچىپ بېرىلىدى

ilkan_5 2026-09-01 18:00:59

\

بۇ نۆۋەتلىك تەڭشەشنىڭ ھەقىقىي پىلتىسىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوش ئالدىنقى جۈمە كۈنى جېكسونخولدا قىلغان سۆزى بولغان. ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئەگەر تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر پۇل پاخاللىقىنىڭ% 2 لىك نىشانغا قاراپ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنمىسە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى «يەنە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك».بۇ سۆز بازار تەرىپىدىن ھازىرغا قەدەر ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ئېنىق بىشارەت دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. چىكاگو سودا ئورنىنىڭ Fed Watch قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سودىگەرلەرنىڭ 9-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى تېز سۈرئەتتە ۋوشنىڭ سۆزىدىن بۇرۇنقى تەخمىنەن% 36 تىن% 64 ئەتراپىغا ئۆرلىگەن، قىسمەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا% 66 كە يېقىنلاشقان.بۇ، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرگەن، 10 يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى بىرمەھەل % 4.768 كە ئۆرلەپ، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان؛ 30 يىللىق پايدا نىسبىتىمۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن.

ۋوش ئارقىدىن G 20 مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىرى يىغىنىدا بۇ مەيدانىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ مەبلەغ سېلىش دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى، كاپىتالنىڭ پۇرسەت كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بىكار تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇزاق مۇددەت بىر ئىزدا توختاپ قالغان كونا بايانلارنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ھەتتا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن-مۆلچەرلەنمىگەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئاشكارا ئويلانغان. بۇ سۆزلەر بىر تەرەپتىن ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئاشۇرغان، يەنە بىر تەرەپتىن بازارغا كۈچلۈك مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.