بازار ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ياكى ئۆستۈرمەسلىكنى چۆرىدەپ ئايلانماقتا

ilkan_5 2026-08-31 18:42:32

\

8-ئاينىڭ 31-كۈنى دۈشەنبە، تاشقى پېرېۋوت بازىرى يەنە «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ-يوق»دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ باھا بېكىتكەن. جېكسونخول يىللىق يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېۋىن ۋوش پۇل پاخاللىقىغا قارىتا پوزىتسىيەسىدە روشەن ئېھتىياتچان بولغان، بازارنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈشىنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىماللىقى سۆزلەشتىن بۇرۇنقى تەخمىنەن % 35 تىن تېز سۈرئەتتە % 60 كە يېقىنلاشقان. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى شۇ سەۋەبتىن بىر مەھەل ئىككى ھەپتىگە يېقىن نىسبەتەن يۇقىرى پەللىگە چىققان، لېكىن ھازىر يەككە تەرەپلىمە كېڭىيىش شەكىللەنمىگەن، يەنىلا ئاساسلىقى 99.5 ئەتراپىدىكى رايوندا يۈرۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېڭىز قولتۇقى رايونى توقۇنۇشى ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن.پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىش رامكىسىغا قايتا كىرىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتقا بولغان سەزگۈرلۈكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.