دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتىغا ئىنتىلمەكتە

ilkan_5 2026-08-28 18:14:07

\

پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئازراق ئۆرلىشى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەپ چۈشۈشىدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن بولۇپ. دوللار بازىرىدا بىر مەھەل 99.26 گە يېتىپ، 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 99.12 ئەتراپىدا يېپىلغان. ۋە دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننى باشقا پۇللارنى ئىلكىدە تۇتقان مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، سېتىۋېلىشقا تىرەك بولغان. بۇ يۈزلىنىش بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلەش لوگىكىسى بىلەن تومۇرداش ئىكەن. ئۇ قېتىملىق ئۆرلەشنىڭ يادرولۇق كاتالىزاتورى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىرقەدەر بالدۇر تارقىتىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك زايومنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بولغان

.بازار تېز سۈرئەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئېلىش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە بىۋاسىتە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىق سىگنالىنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق دوللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كاساتلىشىشىغا بولغان ئەندىشىنى قايتىدىن قوزغاتقان.

مەبلەغ يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ئالتۇن يەككە-يېگانە ئۆرلىمىگەن. StoneX يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئىستراتېگىيەچىسى Bob Haberkorn ئېنىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا قارىتا ئۆرلەش پوزىتسىيەسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، سەۋەبى ناھايىتى بىۋاسىتە:نۆۋەتتىكى ئېھتىياج تەرەپتە ھەم ETF مەبلىغىنىڭ سىجىل ئېقىپ كىرىشى، ھەم ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئالتۇننى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان مۈلۈك سۈپىتىدە تەقسىملەش ئېھتىياجى بار ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.