ئانالىزچلار بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئالتۇن بازىرىغا قارىتا ئۈمىدۋار ھۆكۈمنى ساقلىغان

ilkan_5 2026-08-05 18:45:22

\

گەرچە قىسقا مۇددەتلىك بازار مۇھىتى سەل ناچار بولسىمۇ، لېكىن ئانالىزچلار بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئالتۇن بازىرىغا قارىتا ئۈمىدۋار ھۆكۈمنى ساقلىغان. ئالتۇن بىر نۆۋەتلىك كۆرۈنەرلىك مۆلچەر قىممىتىنى قايتىدىن بېكىتىشنى تاماملاپ، كۆپ قىسىم پايدىسىز ئامىللار باھانى نەقلەشتۈرگەن. ئاپپاراتلار مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن:كېيىنكى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى كۆزلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى تۇرۇۋاتقان مۇتلەق سەۋىيەدىن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن باھاسىنى ئاددىي ھالدا ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بىرلا ئۆلچەم بويىچە بەلگىلەشكە بولمايدىكەن. مەركىزىي بانكىنىڭ سىجىل ئالتۇن سېتىۋېلىشى، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىق

ى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە يوشۇرۇن خەۋپى، دوللارسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسى، يەر شارىۋى ئاپپاراتلارنىڭ قاتتىق مۈلۈكنى تەقسىملەش ئېھتىياجى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تىرىكىنى ئورتاق بەرپا قىلدىكەن. ھازىر بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا پۇل سىياسىتىنىڭ سىجىل چىڭىيىشىنى مۆلچەرلىگەن، لېكىن ئەگەر ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى پەسەيسە، پۇل پاخاللىقى بېسىمى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىسە، ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇرۇلۇش بولىدىكەن. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بېسىمى تۈگىگەندە، ئالتۇن ۋە كانچىلىق پاي چېكى كۆپ ھاللاردا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى باشلايدىكەن.

يەر شارىۋى پاي چېكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى كرىستوف ۋۇد (Christopher Wood) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەگەر نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقىل كاپىتال چىقىم دولقۇنى بەربات بولسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشتىكى رېئال ئاساسىنى يوقىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن:«يۇقىرىقى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە ئاساسەن، ئۇزاق ۋاقىت قاراپ تۇرۇش، دەم ئېلىشتىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر ئالتۇن ۋە ئالتۇن كانچىلىق پاي چېكىنى قايتىدىن تەدرىجىي ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشۈشنىڭ سودا لوگىكىسى پەقەت ۋاقىتلىق ئۇيقۇ بولۇپ، يوقاپ كەتمىدى».

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسى يەنىلا ئالتۇن باھاسىنى باسىدىغان يېتەكچى كۈچ. لېكىن تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللار بىرقەدەر زور دەرىجىدە قوبۇل قىلىنىپ بولدى، ئالتۇننىڭ كۆپ مەنبەلىك تىرەك لوگىكىسى كۈچتىن قالمىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.