سانلىق مەلۇمات قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى

ilkan_5 2026-07-03 18:37:35

\


ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 6-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىدا، مۆلچەردىكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرغان يەنى، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەلەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاران 57 مىڭ بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىكى 110 مىڭنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئالدىنقى قىممەتنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى بولۇپ، -5ئايدا 172 مىڭدىن 129 مىڭغا تۆۋەنلىگەن، 4-ئايدا 179 مىڭدىن 148 مىڭغا تۆۋەنلىدى، ئىككى ئايدا جەمئىي تۆۋەنلىگەنلەر سانى 70 مىڭدىن ئاشقان.

ئىشسىزلىق نىسبىتى % 4.3 تىن سەل تۆۋەنلەپ % 4.2 كە چۈشكەن، بۇ، يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا خۇش خەۋەردەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا ئانچە ئۈمىدۋار كەيپىيات ھېسانلانمايدىكەن. تۆۋەنلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئەمەس بەلكى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئەمگەك كۈچى بازىرىدىن چېكىنىپ چىققاندىلا، ئاندىن ئىشسىزلىق نىسبىتى سانى «پاسسىپ ھالدا ياخشىلىنىدۇ».

بۇ نۇقتا ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى (6-ئايدا 98 مىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، مۆلچەردىكى 113 مىڭدىن تۆۋەن) ۋە ISM ياسىمىچىلىقىدىكى PMI (53.3 كە تۆۋەنلىدى) دا تەسۋىرلەنگەن ئىقتىسادنىڭ سوۋۇش مەنزىرىسى بىلەن ئۆزئارا دەلىللەنگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىغان، يەن ئۇلار يەككە ئايلىق سانلىق مەلۇمات سىياسەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە يەتمەيدۇ، لېكىن ۋوشنىڭ «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تەدبىر رامكىسىدا، ئۇدا ئاجىزلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرى ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسىنىڭ ئاساسىنى چىرىتىۋېتىدۇ دەپ قارىغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.