ئامېرىكىنىڭ چەكلىمە خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتىنى ساقلاش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن

ilkan_5 2026-06-01 18:52:12

\

ئالدىنقى جۈمە كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارى مۇنۇلانى بىلدۈرگەن:ئەگەر جۇغراپىيىلىك ۋەزىيەت ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى ھەم تۈرتكە بولۇش
دىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان سىياسەت مەيدانىدا تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. بازار مۇنداق قارىغان:خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تىرانسپورت، ياسىمىچىلىق ھەمدە ئىستېمال ساھەسى ئارقىلىق ئومۇمىي مال باھاسىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆرلەش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە بازار ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە چەكلىمە خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتىنى ساقلاش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى شۇ سەۋەبتىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشنى ساقلايدىكەن. دوللار كۆرسەتكۈچى كۈچلۈك ئۆسۈم نىسبىتى كۆزلىمىسىنىڭ تىرەك بولۇشى بىلەن ئېلاستىكلىقنى ساقلىغان، شۇنداقلا ئالتۇننىڭ ئۆرلەش بوشلۇقىنى يەنىمۇ چەكلىگەن. خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پايدا نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان دوللار مۈلكى يەنىلا بىرقەدەر كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.
يەر شارىۋى بازار ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ئالتۇننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى داۋالغۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن. بىر قىسىم مەبلەغ داۋاملىق تۈردە ئالتۇننى جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشتىكى مۇھىم قورال قىلغان، يەنە بىر قىسىم مەبلەغ بولسا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە كەلگۈسى ئۆسۈم نىسبىتى يولىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. بازار كەيپىياتى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بىلەن سىياسەت كۆزلىمىسى ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ، ئالتۇننىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى نۇقتىدا داۋالغۇش ئەندىزىسىنى ساقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.