ئامېرىكا كەڭ پۇل سىياسىتىىنى يوققا چىقىرىش سىگنالىدىن بىشارەت بەردى

ilkan_5 2026-05-25 18:40:55

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى كرىستوف ۋوللېر جۈمە كۈنىدىكى سۆزىدە ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۈچلۈك بۈركۈت سىگنالىنى تارقاتقان بولۇپ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بۇ «كەپتەرچى»ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:مەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت باياناتىدىن «كەڭ قويۇۋېتىش مايىللىقى»دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى قوللايمەن، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن يۇقىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمەن. ۋوللېر ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېگەن:«پۇل پاخاللىقى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلمىدى»، پۇل پاخاللىقى نىشاندىن سىجىل يۇقىرى بولغان، ئەمگەك كۈچى بازىرى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن ئەھۋالدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا توختىلىش «ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ».
ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن:ئەگەر پۇل پاخاللىقى ناھايىتى تېزلا ئاستىلاشقا باشلىمىسا، ئۇ كەلگۈسىدە ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئەگەر پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى كۆزلەشىنى يوقىتىشقا باشلىسا، ئۇ «قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆسۈم قوشۇشنى قوللايدۇ».
ۋوللېرنىڭ ئۆسۈم قوشۇش تەرەپدارلىرى تېز سۈرئەتتە بازار باھاسىنى قايتا بېكىتىشكە يۈزلەنگەن. ئۆسۈم نىسبىتى زاكاز مال بازىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 10-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن % 55 كە يەتكەن، 9-ئايدىكى يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىمۇ % 50 كە يېقىنلاشقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سودىگەرلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا تۇنجى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا 12-ئايدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ئۆزگىرىش دەل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى كەيۋېن ۋوشنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسىگە يەنە بىر قاتلام مۇرەككەپلىك قوشقان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.