پاۋېلنىڭ دەۋىرى ئاخىرلاشتى

ilkan_5 2026-05-22 18:01:10

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشمۇ بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان يەنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ جۈمە كۈنى كەيۋېن ۋوشنى جېروم پاۋېلنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي تەيىنلەيدىكەن. بازار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىغان:كەيۋېن ۋوشنىڭ ئومۇمىي مەيدانى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە مايىل، بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
پاۋېل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىنچە ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملانغانغا قەدەر داۋاملىق ئادا قىلغاچقا، كەيۋېن ۋوش 6-ئايدىكى سىياسەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. بازار يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەيدانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلغان.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئەمەلدارلار ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئېلىپ كەلگەن پۇل پاخاللىقى خەۋپىدىن ئەندىشە قىلغان ھەم ئەگەر يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىشان سەۋىيەسىدىن داۋاملىق يۇقىرى بولسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى قايتىدىن ئويلىشىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.
بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى پەللىنى ساقلاپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى كۈچلۈك ئايلىنىشنى ساقلاپ قالغان، بۇ، ئالتۇننىڭ يەنىمۇ ئۆرلەش بوشلۇقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەيدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.