ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

ilkan_5 2026-05-21 17:51:08

\


خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى،ئامېرىكا دوللىرىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولغان ئون يىللىق ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى سەيشەنبە كۈنى 2025-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، 30 يىللىق پايدا نىسبىتىدە 2007-يىلىدىكى يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ھارپىسىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. پايدا نىسبىتىنىڭ تېز ئۆرلىشىنىڭ ئارقىسىدا، بازاردا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇزاق مۇددەتلىك پۇل پاخاللىقىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشسى بار ئىدى.
ھالبۇكى، نېفىت باھاسى تىنچ كۆزلىمە سەۋەبىدىن جىددىي تۆۋەنلەپ، زايوم بازىرىنى ئوراپ تۇرغان پۇل پاخاللىقى تۇمانى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر قىسمى تارقىلىپ كەتكەن. چارشەنبە كۈنى، ئون يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى زور دەرىجىدە تەخمىنەن ئون ئاساس نۇقتا تۆۋەنلەپ، % 4.567 كە يېتىپ، 16 ئايلىق يۇقىرى نۇقتىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگە. بۇنىڭ بىلەن پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى،پايدىنى يوققا چىقارغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.