ئامېرىكا دوللىرى راسىتىنلا كۈچىيشىكە باشلىدىمۇ؟

ilkan_5 2026-05-19 19:00:08

\

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. يەنى 99.21 گە يېتىپ، ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى بار. 10 يىللىق ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى% 4.599 كە يېتىپ، بىر يىلغا يېقىن يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. بۇ بىر گۇرۇپپا سانلار ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالتۇن ساقلاش پۇرسىتىنىڭ تەننەرخى جىددىي ئۆرلەۋاتىدۇ. ئالتۇننىڭ ئۆزىدە ئۆسۈم ھاسىل بولمىغاچقا، زايوم پايدا نىسبىتى ئۆرلىگەندە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن ساقلاش ئارزۇسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئامېرىكىغىلا خاس ھادىسە ئەمەس، خۇددى Meir ئېيتقاندەك، بۇ يەر شارىۋى يۈزلىنىش. بۇ، ئىلگىرى بازار تەرىپىدىن «خەتىرى يوق»مۈلۈك دەپ قارالغان ئامېرىكا زايومىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىي مۇسبەت پايدا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، نۆل پايدا ئالىدىغان ئالتۇنغا نىسبەتەن بىۋاسىتە رىقابەت شەكىللەندۈردى. بۇنداق ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىدا، كاپىتالنىڭ ئالتۇننى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈككە ئېقىپ كىرىشنى تاللىشى ئەقلىي مۇقەررەر تاللاشقا ئايلاندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.