دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەپسىز ئەمەس

ilkan_5 2026-04-27 18:28:41

\

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ قاتمال ھالىتى ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ مەيدان يەر شارىۋى ئېنېرگىيە كىرىزىسىدە، مەبلەغ خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئالتۇنغا ئېقىپ كىرمىگەن، ئەكسىچە ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈككە قايتىپ كەلگەن. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى دۈشەنبە كۈنى بازارنىڭ بېشىدا ئازراق ئۆرلەپ، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى تۇنجى ھەپتىلىك ئۆرلەش نىسبىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. قارىماققا زىددىيەتلىك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل ھادىسىنىڭ مەنبەسى بازارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ نىسبەتەن ئېلاستىكلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنى داۋالغۇش مەزگىلىدىكى بىردىنبىر «بىخەتەر نەق پۇل»دەپ قارايدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇردىن بولغان.
باشقا پۇللارنى ئىلكىدە تۇتقان مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈچلۈك دوللار ئالتۇن سېتىۋېلىش تەننەرخىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بۇ يەر شارىنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىنى بىۋاسىتە چەكلەپ قويغان. تېخىمۇ كۈچلۈك بولغىنى ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشى. 10 يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى بۇ ھەپتە زور دەرىجىدە ئېشىپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان. گەرچە ئالدىنقى جۈمە كۈنى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشىدىكى ئازراق ئۈمىدنىڭ تەسىرىدە، پايدا نىسبىتى قىسقا ۋاقىت تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈمىدنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، پايدا نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن. ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى يەر شارىۋى مۈلۈك باھاسىنىڭ لەڭگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ خىل ئۆسۈمسىز مۈلۈكنىڭ تەقسىملىنىش قىممىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.