ئامرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى كۈچيىشكە باشلىدى

ilkan_5 2026-04-24 18:27:43

\


يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۇدا كۈچىيىشى بولغان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ سودا كۈنى ئۆرلەپ، بازاردا بىر مەھەل 98.94 كە يېتىپ، 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتقان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننى روشەن سېتىش بېسىمىغا دۇچار قىلغان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە كۈچىيىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. مەبلەغ سالغۇچىلار جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتتىن خاتىرجەمسىزلەنگەندە، ئامېرىكا دوللىرى كۆپ ھاللاردا مەبلەغنىڭ ئالدىن تاللايدىغان پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدىكەن،ھالبۇكى، ئالتۇن بۇ قېتىمقى خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىدا ئەكسىچە سەل ئاجىزلاپ كەتكەن.
تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب شۇكى، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاجىزلاپ كېتىشىدە ئىپادىلەنگەن. ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، برېنت خام نېفىت باھاسى پەيشەنبە كۈنى ھەر تۇڭىنىڭ 100 دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈش بوشلۇقىنى يەنىمۇ تارايتقان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.