ئۈچ چوڭ ئاچقۇچلۇق ۋەقە پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ

ilkan_5 2026-04-07 18:04:36

\

ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ ئاچقۇچلۇق ئىش بار يەنى:
چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايلىق سىياسەت يىغىنى خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ خاتىرە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ توقۇنۇش ۋە پۇل پاخاللىقىغا بولغان ھەقىقىي قارىشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۆسۈم نىسبىتى يولى توغرىسىدىكى ئىچكى مۇزاكىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئەگەر خاتىرىدە پۇل پاخاللىقىغا بولغان كۈچلۈك ئەندىشە ئىپادىلەنسە، ئۇنداقتا ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسى يەنىمۇ ئۆرلەپ، ئالتۇنغا بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا شەخسىي ئىستېمال چىقىمى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەڭ ياقتۇرىدىغان پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر سانلىق مەلۇماتتا پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلسە، ئۇنداقتا بازارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان كۆزلىمىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.
جۈمە كۈنى، ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلىشىچە، توقۇنۇشنىڭ پۇل پاخاللىقى زەربىسى بۇ دوكلاتتا تولۇق ئىپادىلىنىدىكەن. ئەگەر CPI سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا ئالتۇن ئۆسۈم نىسبىتى كۆزلىمىسىدىن كېلىدىغان قوش زەربىگە دۇچ كېلىدۇ.
داۋمىڭ ئاكسىيەسىنىڭ Bart Melek مەبلەغ سالغۇچىلارغا:«بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى يەنىلا توقۇنۇش ۋە ئۆسۈم نىسبىتىگە مەركەزلەشكەن بولۇشى مۇمكىن»دەپ ئەسكەرتتى. بۇ ئىككى ئۆزگىرىشچان مىقدارنىڭ ھەرقانداق ئۆزگىرىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ كۈچلۈك داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.