پۇل پاخاللىقى بىزگە نېمىلەرنى ئېيتىپ بەردى؟

ilkan_5 2026-04-07 17:31:33

\


سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەمىنلەشنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى بۇ خىل ئەندىشىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردۇ. 3-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى 2-ئايدىكى 56.1 دىن 54.0 گە تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكى 54.9 دىن تۆۋەن بولغان، بۇ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. لېكىن بازارنى ھەقىقىي سەگىتكىنى يەنە بىرى:كارخانىلارنىڭ سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ جىددىي 7.7 پىرسەنت پوئېنتتىن 70.7 پىرسەنت پوئېنتقا ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ، 2022-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە، شۇنداقلا 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ غايەت زور تەننەرخ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۇرغۇن ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ دوكلاتىدا بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ باھاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقى، ياغاچ ماتېرىياللىرى، مىس ۋە پولات-تۆمۈر قاتارلىق قۇرۇلۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭمۇ ئۆسۈۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل پۇل پاخاللىقى بېسىمى ۋاقىتلىق ھادىسە ئەمەس. ISM تەكشۈرۈشىدە سېلىنما بۇيۇملارنىڭ باھاسىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ ئۇدا 16 ئاي 60 تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.