كەلگۈسىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن

rabigul 2015-10-12 16:59:36

\

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كېيىنكى مەيدان ئىقتىسادنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 2009- 2010- يىلدىكى پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىدە، بۇ تاللاش رەت قىلىندى.

پۇل مۇئامىلە كرىزىسى مەزگىلدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى بونانك (Ben Bernanke) مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئامال رەت قىلىندى.

ئالدىنقى ھەپتىدىكى پېڭبو رادىئو ئىستانسىسى خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بونانك (Ben Bernanke) مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى يولغا قويمىدى، چۈنكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى پۇل بازىرى فوندىغا نىسبەتەن پايدىسىز تەسىر لەرنى پەيدا قىلسا، پۇل بازىرى فوندى باشقۇرۇش خىراجىتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئامالسىز قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا فېدېراتسىيە فوندى بازىرى قايتا ئايلىنالماسلىقى مۇمكىن.

لېكىن ياۋروپا رايونىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ھەرىكىتى ئۇنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتتى. ياۋروپا رايونىدا، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى، شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى، دانىيە مەركىزى بانكىسى ۋە شۋېتسىيە مەركىزىي بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ ھەممىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى : « كۆرۈۋاتقىنىڭلار ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلدى. شۇڭا، مېنىڭچە كەلگۈسىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن. لېكىن، مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى ھەرگىزمۇ « ھەممىگە قادىر دورا » ئەمەس.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.