تىرامپ ئامېرىكا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسدا دوكىلات بەردى

ilkan_5 2026-02-25 18:09:51

\

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە (بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا) پارلامېنتقا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ دەل ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 13 ئايدىن بۇيانقى ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پەيتكە توغرا كېلىدىكەن. خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، خەلق ئاممىسى تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىدىن نارازى بولغان، ئىران ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەمدىلا ئۇنىڭ يەر شارىۋى تاموژنا بېجى تەدبىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاستىلىشى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئاقساراي مەسلىھەتچىلىرى ئۇنى دىققەتنى ئىقتىسادىي قارالمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆرلىشى، باجنى كېمەيتىش قانۇنى چىقىرىش ۋە چېگرا سىياسىتى نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.
دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 20 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىش نۇتقىغا قاتناشماسلىقنى تاللاپ، دۆلەت مەيدانىدا دالا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزگەرتىپ، ترامپنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى «تېخىمۇ سەمىمىي تەسۋىرلەيمىز»دېگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.