ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى!

ilkan_5 2026-02-24 18:35:38

\

2026-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى(سەيشەنبە) دىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىمپورت سودىگەرلىرى زۇڭتۇڭ ترامپ بۇلتۇر يولغا قويغان كۆپ قىسىم ئومۇميۈزلۈك تاموژنا بېجى يۈكى بىلەن رەسمىي خوشلىشىدىكەن. بۇ مۇھىم
بۇرۇلۇش ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»غا ئالاقىدار تاموژنا بېجى ئېلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بولغان. ھالبۇكى، ترامپنىڭ ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى سودا سىياسىتى بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈل-كېسىل تىنچلانماي، ئەكسىچە، يېڭى ئېنىقسىزلىق ۋە داۋالغۇش يەنىلا داۋاملىق كۈچەيگەن. كارخانا ساھەسىنىڭ ھەقىقىي ئارام ئېلىش بوشلۇقىغا ئېرىشىشى تەس بولغان، تاموژنا بېجىنى قايتۇرۇش تەرتىپىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېز ئەمەلىيلىشىشىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.
ترامپ ھۆكۈمىتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەنە بىر قانۇنغا ئاساسەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىمپورت تاۋارلىرىغا قارىتا ۋاقىتلىق يېڭى تاموژنا بېجى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار تەرتىپلەرنى يولغا قويۇپ، باشقا قانۇن رامكىسىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن نەزەرىيەسى جەھەتتە تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تاموژنا بېجى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.