بازار جاھىل پۇل پاخاللىقىغا دۇچ كەلدى

ilkan_5 2026-02-23 18:14:37

\

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2025-يىلى 4-پەسىلدىكى ئەمەلىي GDP سىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ % 1.4 كە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى قىممىتى % 4.4 تىن خېلىلا تۆۋەن بولغان، شۇنداقلا بازار مۆلچەرىگىمۇ كۆرۈنەرلىك يەتمىگەن. بۇ پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى ئاساسلىقى 43 كۈنگە سوزۇلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختاپ قېلىش ۋەقەسىنىڭ ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ تېز ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكسپورت ۋە ئىستېمالدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاستىلاش كۆرۈلگەن. گەرچە سېلىنما ھالقىسى سەل تېزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي ئېشىش قۇۋۋەتى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغان. ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، پۇل پاخاللىقى بېسىمى يەنىلا جاھىل بولغان. 12-ئايدىكى يادرولۇق PCE باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.0 ئۆرلەپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئازراق ئۆرلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ % 2 لىك ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىدىن سىجىل يۇقىرى بولغان. ئوخشاش مەزگىلدە، PCE كۆرسەتكۈچىنىڭ يىللىق نىسبىتىمۇ % 2.9 كە ئۆرلىگەن. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ داۋاملىق تارىيىش مەيدانىنى ساقلىشىغا بولغان كۆزلىمىسىنى كۈچەيتىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىستىقبالىنى تېخىمۇ خىرەلەشتۈرگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.