ئامېرىكىنىڭ CPI سانلىق مەلۇماتى يىتىپ كەلدى

ilkan_5 2026-02-13 18:40:41

\

بازارنىڭ بارلىق دىققىتى بۈگۈن ئېلان قىلىندىغان ئامېرىكىنىڭ 1-ئايدىكى ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەگەر پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىغا ئوخشاش كۈچلۈك بولسا، باھا بېسىمىنىڭ جاھىللىق بىلەن تۈگىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇنداقتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋاقىت جەدۋىلى يەنىمۇ كەينىگە سۈرۈلىدىكەن، ئالتۇننىڭ تەڭشىلىش دەۋرىيلىكىمۇ ئۇزىرايدىكەن. ئەگەر پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى نورمال ھالەتتە تۆۋەنلىسە، بازار يىل ئوتتۇرىسىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قايتىدىن مۆلچەرلەيدىكەن، ئالتۇننىڭ 5000 دوللاردىن تۆۋەن تەرەپتە پۇختا تىرەككە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىغان:چارشەنبە كۈنىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زايوم بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىش «ئىنكاس زىيادە»بولغان. بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
پۇل پاخاللىقى قىممىتىنى ساقلاش زايوم بازىرى يەتكۈزگەن سىگنالدىن قارىغاندا، بەش يىللىق پايدا ـ زىياننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پايدا نىسبىتى% 2.502 تىن% 2.466 كە تۆۋەنلىگەن، ئون يىللىق پايدا ـ زىياننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پايدا نىسبىتىنى% 2.302 كە مەلۇم قىلغان. بازارنىڭ كەلگۈسى پۇل پاخاللىقىغا بولغان كۆزلىمىسى مۇقىم بولغان، كۈچلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلمىگەن. بۇ ئالتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئازراق ئۈمىدنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.