سانلىق مەلۇمات دوللارغا تىرەك بولدى

ilkan_5 2026-02-04 18:08:24

\

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق سانلىق مەلۇماتىدا ئاكتىپ سىگنال نامايان بولغان، ئالدىنقى ئايدا PMI قايتا ئۆرلەپ 52.6 گە يېتىپ، 2022-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، بۇ ئەسلىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تىرەك بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى % 0.12 تىن 97.42 گىچە تۆۋەنلەپ، ئىلگىرىكى % 1.5 لىك ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
داۋفۇ ئالىي دەرىجىلىك يەر شارىۋى بازار ئىستراتېگىيەچىسى Marvin Loh مۇنداق دەپ قارىغان : بازاردا مەلۇم خىل «دوللارغا قارشى تۇرۇش»باش تېمىسى مەۋجۇت، بۇ، دوللارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئالتۇنغا پايدىلىق بولۇشقا ئۆزگەرتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا دۆلەت زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى − ئىككى يىللىق پايدا نىسبىتىنىڭ % 3.568 كە تۆۋەنلىشى، ئون يىللىق پايدا نىسبىتىنىڭ % 4.268 كە تۆۋەنلىشىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىگە بولغان باھاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئادەتتە ئالتۇن ساقلاش پۇرسەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدىكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسى گەرچە 6-ئايغا كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئەمگەك كۈچى بازىرى ئاستىلىسا، بۇ ۋاقىت نۇقتىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ ئالتۇننى تېخىمۇ كۆپ ئۆرلەش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.