كۆپ خىل ئامىلنىڭ كۈچى بىرلەشتى

ilkan_5 2026-02-02 18:29:06

\

ئالتۇن ۋە كۈمۈش باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ چۈشۈش ھالىتى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى.

ئالدى بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سابىق كېڭەش ئەزاسى كەيۋېن ۋوشنىڭ پاۋېلنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشقا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىك خەۋىرى بىۋاسىتە پىلتە بولۇپ قالغان. ۋوش ئۆسۈم ئۆزگەرتمەسلىك مەيدانىدا تۇرۇپ نام چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى بازار تەرىپىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تېخىمۇ قىسقارتىش سىياسىتىگە يۈزلىنىشى مۇمكىن، دەپ چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە بولغان ئۈمىدىنى بىتچىت قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئالتۇن باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ پايدىسىدىن بولغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننى خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش قورالى دەپ قارىغان. لېكىن ۋوشنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بازار كەيپىياتىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى % 1 ئۆرلەپ، تۆت يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىگەن،ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئاجىزلىغان.

ئىككىنچىدىن، ماكرولۇق مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئەمەلىي پايدا نىسبىتى كۆزلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۆكمە قىلىپ سېتىشنى كۈچەيتىۋەتكەن. جاسكو بانكىسى تاۋار تەتقىقاتىنىڭ يەر شارىۋى مەسئۇلى سۇكى كوپېر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:بازاردا ئەسلىدىلا تۈزىتىش بولۇشى كېرەك ئىدى، بۇ ئامىللارنىڭ بىرىكمە كۈچى پايدىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.