خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بازارغا يېتەكچىلىك قىلدى

ilkan_5 2026-01-29 18:19:11

\

ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ قېتىمقى شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. نەق مال ئالتۇن چارشەنبە كۈنى زور دەرىجىدە يەنى % 4.5 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5414.87 ئامېرىكا دوللارغا يىتىپ، بازاردا بىر مەھەل 5418.67 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ داۋاملىشىپ، سائەت 08:00 گىچە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5596.33 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆرلەش نىسبىتى تەخمىنەن% 3.35 بولغان. ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇنىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى بولغان، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5626.8 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن% 5.3 بولغان. بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ كىرىشى بىلەن ،ئالتۇن باھاسى جەمئىي% 20 تىن كۆپرەك ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى رېكورت يارىتىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئانالىزىچىلار ئالتۇننى تۇغۇندىسىز خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتۇن تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىدا ئاسانلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ، ھازىرقى ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىن ئىبارەت قوش ئېنىقسىزلىق ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەق مال كۈمۈشمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، چارشەنبە كۈنى % 4.22 تىن 116.69 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئۆرلىگەن، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 119.24 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاپ، ئۆرلەش نىسبىتى تەخمىنەن % 2.2 بولغان. كۈمۈشنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئۆرلەش نىسبىتى % 60 تىن ئېشىپ، ئېىشش نىسبىتى جەھەتتە ئالتۇندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.