دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر دەملىك ئىش ئەمەس

ilkan_5 2026-01-28 18:12:15

\

جۇغراپىيەلىك ئامىلدىن باشقا، ئىقتىساد قاتلىمىدىكى داۋالغۇش ئوخشاشلا ئالتۇننى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن يەنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
1-ئاينىڭ 30-كۈنى فېدېراتسىيە پۇل ئاجرىتىشنى توختىتىش ۋاقتى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خامچوتىنى چۆرىدەپ كەسكىن ئېلىشىشى كەسكىن باسقۇچقا كىرگەن. تالاش-تارتىش ئاساسلىقى ترامپ يولغا قويغان قاتتىق كۆچمەنلەر تەدبىرىدىن كەلگەن، بۇ ئىختىلاپ نۇرغۇن فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىقتىسادىي زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تۇئېن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيە ئاقساراي بىلەن جىددىي سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن ئەگەر ۋاقتىدا مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا، ھۆكۈمەتنىڭ توختاپ قېلىشى ئاي ئاخىرىدىن باشلاپ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە يەنىمۇ زەربە بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوللارنىڭ داۋاملىق كاساتلىشىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى بىۋاسىتە كاتالىزاتورغا ئايلانغان. سەيشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى % 1.33 تىن % 95.75 كىچە چۈشۈپ، كۈندۈزى 95.57 لىك تۆت يىللىق تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. بۇ چۈشۈش ۋەزىيىتىنىڭ بىر قىسمى ترامپنىڭ ئەڭ يېڭى سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاشكارا ھالدا دوللارنىڭ كاساتلىشىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردىكەن،
ترامپ يەنە كورېيەنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىدىن % 25 يېڭى تاموژنا بېجى ئېلىش پىلانىنى جاكارلىغان ھەم ئەگەر كانادا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى ئالغا سىلجىتىش قىلسا، كانادانىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلىرىدىن % 100 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.