ئامېرىكا دوللىرى تۆت ئايلىق تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى

ilkan_5 2026-01-27 16:45:32

\

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىشى بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تاشقى ئامىل. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 2025-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 96.80 گە يېتىپ، ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك قايتا ئۆرلىيەلمىگەن، نۆۋەتتە 97.10 ئەتراپىدا تۇرماقتا. يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شۇكى، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە يەنە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى كۈچلۈك مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بۇ مۆلچەرلەش ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش كەيپىياتىنى بىۋاسىتە چەكلىگەن ھەم ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئورنىنى خىرىسقا دۇچار قىلدىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال سىياسىتىمۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىناۋىتىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئاجىز ئىپادىسىنى كۈچەيتىۋەتىۋەتكەن.
تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىدا، ئالتۇن ساقلاشنىڭ تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ھالبۇكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سىجىل كۇرسى چۈشۈشى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن باھاسىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرگەن. ھازىر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى چارشەنبە كۈنىدىكى FOMC يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ۋە پاۋېلنىڭ يىغىندىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىگە مەركەزلەشكەن. ئەگەر پاۋېل تېخىمۇ ئېنىق بولغان كەڭ قويۇۋېتىش سىگنالى قويۇپ بەرسە، ئامېرىكا دوللىرى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، ئالتۇننى تېخىمۇ كۈچلۈك ئۆرلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن. قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، يەر شارىۋى مەركىزىي بانكىلارنىڭ سىجىل ئالتۇن سېتىۋېلىشى ۋە ETF مەبلىغىنىڭ كۈچلۈك ئېقىپ كىرىشى ئالتۇن باھاسىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.