ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ساداسى يۇقىرى بولدى

ilkan_5 2025-11-12 16:16:54

\

سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى مىلان سەيشەنبە كۈنى داۋاملىق ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش توغىرىسدا سىگىنال قويۇپ بېرىپ، ئاشكارا ھالدا «ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى ۋە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، 12-ئايدا ئۆسۈمنى 50 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن»دەپ بىلدۈرگەن. بۇ ئىپادە بازار تەسەۋۋۇرىنى بىۋاسىتە قوزغىغان، شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل يەنىلا «بۇ يىل ئۆسۈمنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىتىشنىڭ ئېنىقسىز ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىگەنىدى.
CME Fed Watch قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12 ـ ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى ئالدىنقى ھەپتىدىكى% 64 تىن% 67 كە ئۆرلىگەن، مىلاننىڭ 50 ئاساس نۇقتا تەكلىپى بازار مۆلچەرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
Kitco Metals نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى Jim Wyckoff مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«سودىگەرلەر پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتتا ئازراق سۇسلىشىش كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىدى، بۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ..بۇ بەلكىم بۈگۈنكى ئالتۇن ۋە كۈمۈش بازىرىدىكى ئېشىۋاتقانلارغا ئىلھام بېرىشى مۇمكىن».
ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چارشەنبە كۈنى داۋالغۇپ% 0.14 تىن% 99.48 كىچە چۈشۈپ، بازاردا بىر مەھەل يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە 99.29 غا چۈشۈپ قالدى، ئاجىز ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇنغا مۇكەممەل ياردەمچى بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.