پاۋېلنىڭ يىغىن سۆزى بازاردا مۇنازىرە پەيدا قىلدى

ilkan_5 2025-10-30 19:00:03

\

پوۋېلنىڭ «ئۆسۈم قوشۇش»سۆزى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىگە بىۋاسىتە ئوت تۇتاشتۇرغان. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چارشەنبە كۈنى % 0.42 ئۆرلەپ، 99.13 بىلەن يېپىلغان، كۈندۈزى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 99.35 كە يېتىپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.
ئامېرىكا زايوم بازىرىمۇ ئوخشاشلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا:10 يىللىق دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ ئاخىرقى باھاسى 8.6 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، % 4.081 كە يېتىپ، 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان؛ ئىككى يىللىق دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى بىراقلا 10.8 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، % 3.602 كە يېتىپ، بىر ئايلىق يۇقىرى نۇقتىسىنى يېڭىلىغان؛ 30 يىللىق دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ 5.1 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، % 4.562 كە يەتكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.