كېيىنكى قەدەمدە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش "چۈش "كە ئايلىنىپ قالدى

ilkan_5 2025-10-30 18:04:05

\

گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئۆسۈم نىسبىتىنى قەرەلىدە 25 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىپ، % 3.75 تىن % 4.00 كىچە بولغان نىشان دائىرىسىگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پاۋېلنىڭ 12-ئايدىكى يەنىمۇ بوشىشىشقا بولغان ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسى بازارنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
پاۋېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوچۇق ـ ئاشكارا مۇنداق دېگەن:«كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسمىدا 12 ـ ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ـ تۆۋەنلەتمەسلىك توغرىسىدا كۈچلۈك ئىختىلاپ مەۋجۇت، ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ھەرگىزمۇ مۇقىملىشىپ بولغان ئىش ئەمەس، پۇل سىياسىتى ئالدىن بېكىتىلگەن يولدا ئەمەس. »ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ كەلگۈسى يول توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى تەس، پۇل مۇئامىلە بازىرى يىل ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىتىشىنى مۆلچەرلىمەسلىك كېرەك
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.