ئامېرىكا ئىمپورت باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى 6يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ سەۋىيىدە بولدى

rabigul 2015-09-14 10:43:32

\

ئامېرىكا ئىشچى ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىمپورت قىلىش ۋە ئېكسپورت قىلىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %11.4 تۆۋەنلىدى، ھەم 13 ئاي بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ئاگاھلاندۇرۇشنى چىقاردى.
نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىستېمالچىلار مال باھاسى مۇقىم، لېكىن ئېكسپورت باھاسىغا نىسبەتەن ئىشلەپچىقارغۇچى باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۆۋەنلىشى تەسىر پەيدا قىلغان. چۈنكى جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، شۇڭا بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ئىمپورت باھاسىنى بېسىمغا ئۇچراتقان.
ئەمەلىيەتتە , ماي باھاسى ۋە ئىمپورت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىغا بېسىم پەيدا قىلغان. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىچىسىQUARTZ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دەل نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم چۈشۈشكە باشلاشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېنمۇ-6ئايدا نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش تەسىرى پەقەت ۋاقىتلىق دەپ قارىدى، لېكىن ئالدىنقى يىلى12-ئايدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل شۇنداق دېگەن.

چۈنكى پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە تەسىرى بىرقەدەر چوڭ پايدىسىز ئامىل، شۇڭا، ئامېرىكا ئىمپورت باھاسىنىڭ بىردىنلا چۈشۈپ كېتىشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9-ئايدا قارار چىقىرىشىنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.