بازارنىڭ دىققىتى يەنىلا ئېلان قىلىنماقچى بولغان سانلىق مەلۇماتقا تىكلدى

ilkan_5 2024-04-25 16:30:15

\

سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى چارشەنبە كۈنى ئۆرلىگەن بولۇپ، سودىگەرلەر پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ھالقىلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل سىياسىتىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تېپىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەپتىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي قىزىق نۇقتا پەيشەنبە كۈنىدىكى بىرىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتى ۋە جۈمە كۈنىدىكى 3-ئايلىق شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان 3-ئايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مال باھا پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قاچان ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشكە باشلايدىغانلىقىغا بولغان مۆلچەرىنى كېچىكتۈرگەن.

ماكرولۇق ئىستراتېگىيەچى ئانگولو Manolatos مۇنداق دېگەن:«بىز كۆرگەن ئېشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئېلاستىكلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياكى قايتىدىن تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بازار 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ».

ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن:«بازارغا نىسبەتەن، كېلەر ھەپتە مۇھىم بىر ھەپتە»، كىشلەر مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كېلەر پەسىللىك قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانى، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان يىغىنى ۋە 4-ئايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.