ئامېرىكا دوللىرى 98لىك ئۆتكەل ئۈستىدە مەزمۇت تۇرىدىكەن

parida 2019-04-25 12:10:58

\


چارشەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قايتا يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىشى يەنە بىر قېتىم ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى 98لىك ئۆتكەلنىڭ ئۈستىنى ساقلىغان، ئالدىنقى كۈنى كەچتە كانادا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، كانادا دوللىرى روشەن بېسىمغا ئۇچرىغان، گەرچە ئامېرىكا دوللىرى چوڭ دائىرىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق چارشەنبە كۈنى ئالتۇنمۇ شۇ كۈنى تەڭلا يۇقىرىغان قاراپ يۈزلەنگەن، بۇ بازاردىكى زاتلارنىڭ دىققتىنى ئۆزىگە تارتقان.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بازرىدا ICE ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ دائىرلىك ئۆرلىگەن بولۇپ، يۇقىرى نۇقتا 98.20بىلەن ئۇچراشقان، ھەمدە 2017-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلىغان، پەيشەنبە كۈنى بولسا ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا ICE ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى 98.10نىڭ ئەتراپىنى ساقلىغان.

داڭلىق تاشقى پېرېۋوت ئۇچۇر تور بېكىتى FXStreetنىڭ ئانالىزچىسى Flavio Tostiماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى 98لىك مۇھىم ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، چۈنكى ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ 98.50 ۋە 99.00لىك ئۆتكەلنى ئېچىشىدا زور ئۈمدى بار.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.