ئامېرىكا ئۆسۈم قارارىدىكى تۆت چوڭ نۇقتا بازارنى زىلزىلىگە سېلىشى مۇمكىن

rabigul 2019-03-20 16:44:33

\

3-ئاينىڭ 20-كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارىنى كۈتۈۋالىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى پاۋىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يەنە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىقتىساد ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ رېشاتكا دىئاگراممىسىنى ئېلان قىلىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازارنىڭ يۈكسەك ئىتبارنى قوزغىدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنىلا ۋاقتىنچە ئۆسۈم قوشۇش مەيدانىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل سىياسىتى باياناتى، رېشاتكا دىئاگراممىسى، پاۋىلنىڭ نۇتۇق سۆزى شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ جەدۋەل قىسقارتىشقا نىسبەتەن ئەڭ يېڭى قارارى بۈگۈن كەچتە بازارنىڭ كۆرىنەرلىك تەۋرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۈگۈن كەچتە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 02:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە پۇل سىياسەت باياناتىنى ئېلان قىلىدۇ؛ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 02:30 دا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) رەئىسى پاۋىل (Jerome Powell) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.