بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتى

rabigul 2018-06-04 17:33:54

\

6-ئاينىڭ 4-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى بىر قېتىمدىلا 94 دىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ گەرچە ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن دوللارنى كۈچلۈك تىرەش كۈچى بىلەن تەمىنلىيەلمىدى؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى باياناتىنى توختىتىدىغان مەزگىلدە، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك ھالىتىگە قايتىپ كېلىش- كېلەلمەسلىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىدىغان مەسلىسىگە ئايلاندى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا زاۋۇت زاكاس تالونى ۋە چىداشلىق بويۇم زاكاس تالونى، بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا قەرزى ۋە ياۋروپا قەرزى بازىرىنىڭ ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچىلار فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6 - ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. شۇڭا، پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئامىللار دوللار كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

لېكىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى كۈچەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى بەك چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ھەپتە دوللارغا ئالدىنقى ھەپتە ئىپادىسى ياخشى بولغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ۋە سودا ئۇرۇشىنىڭ ئېنىقسىزلىقى تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قەرز بازىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتالىيە سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئىتالىيە زايوم پايدا نىسبىتى داۋاملىق ئۆستى، ئىتالىيە گېرمانىيە زايوم ئۆسۈم پەرقى داۋاملىق كېڭەيدى، بۇنداق قالايمىقان ۋەزىيەت ياۋرونىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، گەرچە ياۋرو ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋرونىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى دوللار كۆرسەتكۈچىنى تىرەش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.