بۈگۈن كەچتە مۇھىم خەۋەرلەر ئىلان قىلنىدۇ

rabigul 2018-03-22 16:50:47

\

ئامېرىكا فىدىراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قارارىدىن كىيىن، بۈگۈن كەچتە، يەنە ئىككى چوڭ مۇھىم بولغان «پارتىلاش خاراكتېرلىك« خەۋەر بار؛ ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى! ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەردە ئېيتىلغان، جوڭگۇ-ئامېرىكا سودا ئۇرىشى ئەتە ئەتىگەن باشلىنىشى مۇمكىن.
1. ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى؛ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 دە، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ئەڭ يىڭى بولغان ئۆسۈم نىسبىتى قارارى، ھەمدە يىغىن خاتىرىسىنى ئىلان قىلىدۇ. بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.5% تىن ئۆزگەرتمەيدۇ!
2.ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى؛ پەيشەنبە، جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى چاقىرىدۇ، يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى بولسا ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى.
ئانالىزچىلار مۇنداق كۆرسەتتى؛ ئەگەر بۇ يىغىندا ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئۆتكۈنچى كېلىشىمى ھاسىل بوپ قالسا، بازارنىڭ 5-ئايدا 25 نۇقتا ئۆسۈم قوشۇشى ئىنىق بوپ قىلىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.