نېمە ئۈچۈن دوللارنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى تەس؟

rabigul 2018-01-18 16:42:10

\

چەتئەلدىكى داڭلىق مالىيە - ئىقتىساد تور بېكىتى CNBC دە 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېيىلگەن، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ 3 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ مۆلچەرلىدى، ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساسلىق پۇللارغا ( مەسىلەن ، ياۋرۇ ) ئالماشتۇرۇش باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

گەرچە ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى سەيشەنبە كۈنى، چارشەنبە كۈنى ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 2015-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تەۋرىنىۋاتىدۇ؛

BK مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى (BK Asset Management) تاشقى پېرېۋوت تاكتىكىسى مۇدىرىيەت باش دىرېكتورىKathy Lien ، CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، دوللار داۋاملىق تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

تۆۋەندىكى بولسا Kathy Lien نىڭ بۇ خىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى:

ھازىر دوللار تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن بېسىمغا دۇچ كەلدى، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت قەرزى پايدا نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتە يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن چوڭ نىسبەتتە ئۆرلەش ئەھۋال كۆرۈلمىدى.

ئەمما، دوللار قىممىتىنىڭ ئىزچىل چۈشۈشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مەركىزىي بانكىلىرى بىرلا ۋاقىتتا پۇل سىياسىتىنى قىسىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. ئالدىنقى ھەپتە، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۇل سىياسىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ قاراش ياۋروغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قاتتىق قوللار سۆزى دەپ قارىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى بۇ ھەپتە زايۇم سېتىۋېلىش كۆلىمىنى تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە يىنى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگو ھازىر بارا - بارا ئامېرىكا دۆلەت زايومى سېتىۋېلىشنى توختاتتى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش پىلانىنى ئاللىقاچان قايتا تەكىتلەپ بولدى. ئەمما، باشقا مەركىزى بانكىلارمۇ ئاستا-ئاستا ئەگىشىدۇ، بۇ نۇقتا مۇقەررەر.

Kathy Lien ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئەڭ ئاساسلىقى، قىلىشىغا ئەگىشىپ ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ پۇل سىياسىتىنى تارايتىشىغا ئەگىشىپ، دوللار تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.