گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسى ياۋرۇنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى

parida 2018-01-17 12:58:40

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى ئاخىرلىشىپ بازارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوللارنى سېتىپ چىقىرىش دۇلقۇنى ۋاقتىنچە پەسىيىپ دوللار كۆرسەتكۈچى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، ئەمما ياۋرۇنىڭ ئۆرلىشى بىلەن يەنە تېزلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا «ئاغزى يامان» تىرامپ يەنە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى كۈچەيتىۋەتكەچكە، بۇ دوللارنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىكى يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋرۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققاندىن كېيىن ياۋرۇنى كۆپ مىقداردا سېتىۋەتتى. ياۋرۇپا مەركىزىي بانكسىنىڭ تەدبىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچى ئىتتىپاقنىڭ سۆھبىتى ياۋۇرۇغا ئارقا-ئارقىدىن بېسم ئېلىپ كەلدى.
ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى Villeroy مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن تەدرىجىي چېكىنىپ چىقىشقا نىسبەتەن ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ياۋرۇنىڭ ئۆرلەش يۆنىلىشى ئېنىق بولمىغاچقا، ياۋرۇ تېخى پۇل پاخاللىقى نىشانىغا يەتمىدى، شۇڭا يەنىلا كەڭرى پۇل سىياسىتىگە ئېھتىياجىلىق. بۇ باياناتنىڭ تەسىرىدە ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.22 نۇقتىلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Weidman 2018-يىلى مۇۋاپىق مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇۋاپىق، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ زايوم سېتىۋىلىشىنىڭ پاسسىپ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ياۋرۇ تېزلا چۈشۈشتىن ئۆسۈشكە بۇرۇلدى.
يېقىنقى مەزگىلدە بازار دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا بارغانسېرى ئىشەنگەچكە، بۇ ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى باشچىلىقىدىكى باشقا ئاساسلىق مەركىزىي بانكىلارنىڭ مۆلچەردىن بۇرۇن كەڭرى پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېقىندا يەنە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى كۈچەيتىۋەتكەچكە، دوللارنىڭ قىسقا مەزگىللىك تۆۋەنلەش خەتىرى يەنىمۇ كۈچەيدى.
بۈگۈنكى تاشقى دىققەت بازىرىدا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:
سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، سائەت 18:00 دە ياۋرۇ رايونىنىڭ 12-ئايلىق ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى ئاخىرقى قىممىتى (يىللىق نىسبىتى)؛ سائەت 23:00 دە، ئامېرىكىنىڭ 1-ئايلىق NAHB ئۆي باھاسى كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىدۇ؛
مۇھىم ئىش-ۋەقەلەر: سائەت 19:45 دە، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ كومىتېتى ئەزاسى Sanders ئەنگىلىيە لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قېتىملىق پائالىيەتتە مۇھىم سۆز قىلىدۇ؛
سائەت 21:50 دە، شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى Walson مۇھىم سۆز قىلىدۇ؛
سائەت 23:00 دە، كانادا ئوتتاۋادا كانادا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە پۇل سىياسىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.