ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشى ۋاقىتىنچە توختىشى مۇمكىن

parida 2017-08-21 16:27:01

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۈشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئاز نىسبەتتە تەۋرەندى، دوللار بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىر خىل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئاز نىسبەتتە تەۋرەنگەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى، فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئازىراق ئۆرلىگەندىن كېيىن تۆۋەنلىدى.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە ۋەزىيەت نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاچقا، بازار سودىسىمۇ سۇس بولدى، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ھەپتە ئېچىلىدىغان Jackson Hole دۇنيا مەركىزىي بانكىلىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ، يىغىندىن بۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.

Morgan Stanley نىڭ قارىشىچە، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى ياۋرۇنىڭ نۆۋەتتىكى پېرېۋوت باھاسىدىن نىسبەتەن مەمنۇن بولغاچقا، خەۋپ-خەتەر نىسبەتەن ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا ياۋرۇنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن، Morgan Stanley يەنە 2018-يىلنىڭ 1-پەسلىدە ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ 1.25 نۇقتىغا چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادا ئىمپېرىيە سودا بانكىسىCIBCنىڭ تاشقى پېرېۋوت تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئېلان قىلغان پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى تېخىمۇ تۇراقلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن خادىملارنىڭ باياناتى يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇڭا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشى كېيىنكى يېرىم يىلدا ۋاقىتلىق توختىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.