ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى

rabigul 2017-08-11 18:15:17

\

FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى ئالدى بىلەن بىراقلا 93.32 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ھازىر قايتا ئۆرلىشىدە ئۈمىد بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوللار/ ياپونىيە يىنى 108.88 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە بۇ تۆۋەن نۇقتىدىن قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى. ياۋرو/دوللار بولسا ئاسىيا بازىرىدا ئىزچىل تار دائىرىدە تەۋرەنگەن بولۇپ، ھازىر سەل تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ. فوندستېرلىڭ/دوللار تار دائىرىدە تەۋرىنىش ھالىتىگە كىردى.

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئامېرىكا ۋە چاۋشيەن ئارىسىدىكى جۇغراپىيلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىددىي ئۆرلىشى، ئىككى تەرەپ " مۇنازىرە قىلىشىش " ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر، بازاردا يەنىمۇ زور دەرىجىدە خەۋىپ –خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلدى، مەبلەغ سالغۇچىلار خۇددى " ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش" بىر مەيداندا تۇرغاندەك.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ(Donald Trump) سەيشەنبە كۈنى چاۋشيەننىڭ " ئوت بىلەن چاقماق تېزلىكىدە" ھەسسىلەپ تەھدىت سېلىش توغرىسىدىكى بۇنداق قاراش، " يېتەرلىك كۈچلۈك ئەمەس."

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ۋە كورىيە بۇ قېتىمقى مىسلى كۆرۈلمىگەن" ئۇرۇش" قا قاتناشتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى چاۋشيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۇچۇپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، ھەمدە گۇئام ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە كىرگەن.

تىرامىپ پەيشەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتىقىدا چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئىننى ئالاھىدە تىلغا ئالدى؛ ئۇ مۇنداق دېدى، " ئۇ بىزنىڭ دۆلەتنى ھۆرمەت قىلمىدى، مەن ئۇنى ئاسانلىقچە بوش قويۋەتمەيمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ."

ئۇنىڭ ئۈستىگە چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن " قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي ھۇجۇم قىلىش يوقىتىش" بۇ بىر ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قەسەم بەردى، ھەمدە ئامېرىكا بىر قېتىملىق "ھاقارەتلىك مەغلۇبىيەت" كە ئۇچرىدى.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.